ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىرېلانكا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ماي پاراخوتىغا قايتا ئوت كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
سىرېلانكا دېڭىز ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 7 -كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : سىرىلانكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا تەخمىنەن 30 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايغا توختىتىلغان «يېڭى ئالماس» ناملىق ماي پاراخوتى تۇرۇشلۇق دېڭىز تەۋەسىنىڭ ھاۋارايى شارائىتى ناچار بولغانلىقى، قاتتىق بوراننىڭ تەسىرىدە پاراخوتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن ئۆرلەپ كەتكەچكە، ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا ئوت كەتتى. ھازىر ئوت باك رايونىغا ئۆتمىدى، ناچار ھاۋارايى شارائىتىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئوت ئۆچۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
270 مىڭ توننا نېفىت قاچىلانغان « يېڭى ئالماس» ناملىق پاراخوت كۇۋەيتتىن ھىندىستاننىڭ پارادىبۇ پورتىغا قاراپ ماڭغان ئىدى،9-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە سىرىلانكىنىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىگە كەلگەندە پاراخوت بۆلمىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىرېلانكا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ماي پاراخوتىغا قايتا ئوت كەتتى

سىرېلانكا دېڭىز ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 7 -كۈنى كەچتە بايانات ئېلان