ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۆھپە قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 19:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنىڭ ياردەمچىسى رېن مىڭخۇي يېقىندا: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، يەر شارىنىڭ «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى»غا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، دېدى.

رېن مىڭخۇي مۇنداق دېدى: يۇقۇم پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىقنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، دۇنيانى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس گېن تەرتىپىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن قىلىپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ماددىي ئەشيا مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەمدە تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا ھەمكارلىقنى بالدۇرلا باشلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە ئالماشتۇرۇش، ۋىرۇسنىڭ گىن تەرتىپىدىن ۋاقتىدا تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىن باشقا، يەنە ئىران، كۇۋەيت، پاكىستان، كامبودژا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە كۆپ تۈركۈمدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن جىددىي تەمىنلەپ، يەر شارىنىڭ ۋاكسىنا تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ، ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھنى گەۋدىلەندۈردى.

رېن مىڭخۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى ئالدىدا ھېچقانداق دۆلەت بىخەتەر ئەمەس، پەقەت يەر شارى سەھىيە بىخەتەرلىكى بولغاندىلا ئاندىن ھەر بىر دۆلەتنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ بىخەتەر بولۇشى، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۆھپە قوشتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنىڭ ياردەمچىسى رېن مىڭخۇي يېقىندا: يېڭى