ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-23 16:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، سۆز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى دەپ ھېسابلىدى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئانتونىئو ۋىتورىنو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قەتئىي قوللىغانلىق، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جىددىي مەسىلىلەرنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىرلىكتە ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىزدەش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى .

خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتە جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا، بۇ خىل رول كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش ۋە يەر شارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز نامايان بولماقتا.







中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش