ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-23 16:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى9-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەخمىنەن 170 دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە باشقا مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ.

بۇ يىلقى ئادەتتىكى مۇنازىرىنىڭ باش تېمىسى « بىز ئېرىشمەكچى بولغان كەلگۈسى، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئېھتىياجلىق: كۆپ تەرەپچىلىككە بولغان كوللېكتىپ ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز - ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك ھەرىكەت ئارقىلىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇمىز ». يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى سىن ئالغۇ سۆزىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇ يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇزاكىرەسىگە قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى9-ئاينىڭ 22 - كۈنى