ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئۇگانداغا 3-تۈركۈمدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-24 17:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇگانداغا ئىئانە قىلغان 3- تۈركۈمدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇگاندا سەھىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىئانە قىلىنغان ماددىي بۇيۇملار نەپەسلىنىش ماشىنىسى ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇگاندانىڭ سەھىيە مىنىستىرى جيەن ئازېڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇگاندانىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇگاندا ھازىر 4-باسقۇچلۇق يۇقۇم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، پايتەخت كامبالا شەھەر رايونىدا يۇقۇم تېخىمۇ ئېغىر. ئۇگاندا جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان دوختۇرخانا ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئۇگانداغا 3-تۈركۈمدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇگانداغا ئىئانە قىلغان 3- تۈركۈمدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى