ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيە بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرى تېلېفونلىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:32
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبى بېيجىڭ خەۋىرى:
كورېيە زۇڭتۇڭى مونجەيىن  9-ئاينىڭ 24-كۈنى ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋەزىرى سۇگا يوشىخىدې بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ كورېيە-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى .
مونجەيىن تېلېفوندا مۇنداق دېدى: سۇگا يوشىخىدېنىڭ يېڭى باش ۋەزىر بولغانلىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپ يىپيېڭى روھىي ھالەت بىلەن ئالاقىنى تېزلىتىپ، ئىككى   دۆلەت   ئارىسىدىكى   ئەمگەك   كۈچلىرىنى  ئۆز   ئىچىگە   ئالغان   تۈرلۈك   ھەل   قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى   ھەل   قىلىش   كېرەك. سۇگا يوشىخىدې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە-كورېيە مۇناسىۋىتى تارىخىي مەسىلە قاتارلىق تۈرلۈك ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، لېكىن زۇڭتۇڭ  مونجەيىن بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيە بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرى تېلېفونلىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

كورېيە زۇڭتۇڭى مونجەيىن 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن