ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپلىگەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا جازالىشىنى تەنقىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:38
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-قېتىملىق يىغىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان سەلبىي تەسىرى مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاھىدە دوكلات بەرگۈچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، كۆپلىگەن دۆلەت ۋەكىللىرى ئامېرىكا قاتارلىقلار يولغا قويغان بىر تەرەپلىمىلىك جازالاش تەدبىرىنى تەنقىد قىلىپ، جازالانغان دۆلەت خەلقىنىڭ يېمەكلىك ، داۋالاش قاتارلىق ئاساسىي ماددىي ئەشيا ۋە مۇلازىمەتكە ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈپ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلدى دېدى.
سۇرىيە، ئىراق، سۇدان، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر تەرەپلىمىلىك مەجبۇرلاش تەدبىرى جازالانغان دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە ئابرۇيلۇق تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ماددىي ئەشيالىرىغا ۋاقتىدا ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاياللار، بالىلار، مېيىپلار قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر چوڭقۇر زىيانغا ئۇچرىدى. كۇبا، بېلارۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىنى جازالاپ قامال قىلىشىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئاشكارا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشى دەپ ئەيىبلىدى. رۇسىيە، ۋېنېزۇئېلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى دۆلەتلەرنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك جازانى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى «رەڭلىك ئىنقىلاب»قا قۇترىتىشتىن ئىبارەت، ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك جازاسىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپلىگەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا جازالىشىنى تەنقىد قىلدى

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-قېتىملىق يىغىنى