ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەزگىلىدە شياڭگاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:30
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
 
9-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شۋىتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، «شياڭگاڭ تېخىمۇ بىخەتەر مۇھىتتا كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولماقتا» تېمىسىدا سىن يىغىنى ئاچتى .
جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى باش ئەلچى چېن شۈ يىغىنغا كېلىپ سۆز قىلدى. چېن شۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ يىل 6 - ئايدىن 7 - ئايغىچە ، 70 نەچچە دۆلەت ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ماقۇللىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويغانلىقىنى قوللىدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەر سىياسىي مەقسەت بىلەن، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا خالىغانچە ئارىلاشتى، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگودا مۇقىمسىزلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان پاكىستاننىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى باش ئەلچى ئاندرابى مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەرقايسى دۆلەتلەر قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق. 70 نەچچە دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى قوللاپ،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم پىكرىنى گەۋدىلەندۈردى .
لائوسنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى سىساكايس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن چىقىرىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس. شياڭگاڭ خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بىخەتەر شارائىتتىلا ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ؛ لائوس جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ماقۇللىغانلىقىنى قوللايدۇ ۋە قارشى ئالىدۇ، بۇ ئىنتايىن زۆرۈر ۋە ۋاقتىدا ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ،شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىش، مۇقىملىقىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەزگىلىدە شياڭگاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە