ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە شىۋېتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى توردا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-05 17:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، ئېلىمىزنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە شىۋېتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى توردا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى، ب د ت سودا-تەرەققىيات كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئوينىغان ئىجابىي رولىغا ئىجابىي باھا بەردى، ھەمدە جۇڭگو بۇ يىل يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە، نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە دۇنيا تەرەققىياتىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ئېلىپ كەلدى دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ چاۋشيەن، ۋانۇئاتۇ، مالاۋى، ئانگولا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرىدىمۇ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ھەر ساھە ئەربابلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە شىۋېتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى توردا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

يېقىندا، ئېلىمىزنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە شىۋېتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا