ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاۋارلارنى ئۆزئارا ئىمپورت قىلسا تېخىمۇ تۆۋەن تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-27 18:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موڭغۇلىيە يېقىندا «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سودا كېلىشىمى»گە قاتنىشىش تەرتىپىنى تاماملىغان ھەمدە 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يولغا قويماقچى بولغان، بۇ جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ تاۋارلارنى ئۆز ئارا ئىمپورت قىلسا تېخىمۇ تۆۋەن تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىدىن، كارخانا ۋە پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، موڭغۇلىيە 366 تۈردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كېمەيتىدۇ؛ بۇ ئاساسلىقى سۇ مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مېيى، كان مەھسۇلاتلىرى، خىمىيەلىك بۇيۇملار، ياغاچ ماتېرىياللىرى، پاختا يىپ، خىمىيەلىك تالا، ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرى، تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ؛ باج نىسبىتى ئوتتۇرىچە %24.2 تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، موڭغۇلىيە جۇڭگو قاتارلىق باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

سودا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بۇ كېلىشىمگە قاتنىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رايون بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاۋارلارنى ئۆزئارا ئىمپورت قىلسا تېخىمۇ تۆۋەن تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاۋارلارنى ئۆزئارا ئىمپورت قىلسا تېخىمۇ تۆۋەن تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولىدۇ