ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-27 18:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 20 ئەرەب دۆلىتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى يېقىندا شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى. جۇڭگو ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭنى كۆپرەك كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىدۇ.
جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: 20 ئەرەب دۆلىتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ جايدىكى كارخانىلار، مەكتەپلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئىسلام شۆيۈەنى، مەسچىت قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

جاۋ لىجيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەلچىلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەرگەن. بەزى ئەلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: سىرتنىڭ جۇڭگو ۋە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى يالغان گەپلىرىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. ئۇلار شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئەينەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قاراپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان. جۇڭگو ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك بېرىپ كۆرۈپ كېلىشىنى، دۇنياغا ھەقىقىي گۈزەل، رەڭگارەڭ شىنجاڭنى بايان قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.















中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا