ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنى نەق مەيدان يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-28 18:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بەش دىپلوماتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش ئورگىنى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە شۇ كۈنى ئېچىلىدىغان بارلىق نەق مەيدان يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى .

ئىگىلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنى ۋىدېيو شەكلىدە ئېچىلغان .

75-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بوزكېل 10-ئاينىڭ 26 -كۈنى كەچتە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە خەت ئەۋەتىپ، ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن، بارلىق نەق مەيدان يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنى نەق مەيدان يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى