ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-29 16:34

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى.
ئىتالىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فىرانسىسكو مالىنجو مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۇ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانە روھىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەينى چاغدا يېڭى جۇڭگو ئەمدىلا قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرغان، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئىزچىل تەشەببۇسىنى قايتا تەكىتلىدى.

كولومبىيە كولومبىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پۇيانا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى، ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى. ئۇنىڭ سۆزىدىن جۇڭگونىڭ ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، زومىگەرلىككە قارشى تۇرىدىغان مىللىي جاسارەتنى تىلغا ئالدى، بۇ 70 يىل بۇرۇنقى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ھازىرمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

پاكىستاننىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى بويىچە ئالىي ئانالىزچىسى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سۇلتان خالى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە، جۇڭگو كۈچ پەرقى چوڭ ئەھۋال ئاستىدا ئۇلۇغ غەلىبىگە ئېرىشتى، جۇڭگو خەلقى تىنچلىققا ئىشىنىدۇ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، مەيلى دەۋر قانداقلا تەرەققىي قىلسۇن، زوراۋانلىقتىن، زومىگەرلىكتىن قورقماسلىق كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە