ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى :چەتئەللەرنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلەغ كۆلىمى ئەۋرىشىملىكنى ساقلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-29 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە: ئالدىنقى يېرىم يىلدا يەر شارىدا چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49 تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ،لېكىن جۇڭگوغا سالغان مەبلەغ كۆلىمى جەھەتتە ئەۋرىشىملىكنى ساقلىغان .

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتۈن دۇنيادىكى چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 399 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن يېرىمغا يېقىن ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا چەتئەللەرنىڭ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%75 ئازايغان، چەتئەللەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئازايغان .

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى چېگرا ھالقىپ قوشۇۋېلىش سودىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگوغا سېلىنغان چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى 76 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاران % 4 ئازىيىپ، كۆلىمى جەھەتتە نىسپىي ئەۋرىشىملىكنى ساقلىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا تەرەققىيات كېڭىشى مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانا مەھكىمىسى يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : ئەمەلىيەتتە ، بۇ يىل 9-ئايغىچە، جۇڭگو جەلپ قىلغان چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، % 2.5 كە يەتتى .

سودا تەرەققىيات كېڭىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئورگان بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يىل يەر شارى بويىچە چەتئەللەر بىۋاسىتە سالغان مەبلەغنىڭ % 30تىن % 40 كېچە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدىلەردە يۇقۇمنىڭ 2 - قېتىم قايتىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىدا چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ ئازىيىپ كېتىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن .

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى :چەتئەللەرنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلەغ كۆلىمى ئەۋرىشىملىكنى ساقلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان