ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەزەربەيجان ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھىرىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-29 18:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە تورى 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى10-ئاينىڭ 28 -كۈنى مۇنداق دېدى: ئەزەربەيجاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر باردا ئەرمېنىيەنىڭ راكېتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئاز دېگەندە 21 ئادەم قازا قىلدى ، 70 ئادەم يارىلاندى . ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە ئەرمېنىيە تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تاتار قاتارلىق ئەزەربەيجان تەۋەسىدىكى رايونلارنى توپقا تۇتتى دەپ ئەيىبلىدى .

ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ بارداغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەرمېنىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى شۇ كۈنى ناگورنو -قاراباغ رايونىدىكى ستېفانت قاتارلىق شەھەرلەرگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ، ئۆلۈم يېتىم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغان .




中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەزەربەيجان ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھىرىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى10-ئاينىڭ 28 -كۈنى مۇنداق دېدى: ئەزەربەيجاننىڭ