ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:21

16-نويابىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىر قىسىم دۆلەتلەر بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 16-نويابىر سائەت 14تىن 59 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئامېرىكا قىتئەسى رايونى ۋە ياۋروپا رايونى دوكلات قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئايرىم-ئايرىم 23 مىليون 190 مىڭ 772 ۋە 15 مىليون 266 مىڭ 390 غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قازا قىلغانلار 679 مىڭ 201 ۋە 344 مىڭ 459 غا يەتكەن. بۇ ئىككى رايوننىڭ دوكلات قىلغىنى يەر شارىدىكى دىياگنوز قويۇلغان بىمارنىڭ %70دىن، قازا قىلغان بىمارنىڭ %77 دىن ئېشىپ كەتكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلدى

16-نويابىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىر قىسىم دۆلەتلەر بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.