ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنى ئەركىن ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:20

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنى 16-نويابىر ۋىدېيو شەكلىدە ئېچىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئەركىن ئوچۇق سودا ۋە مەبلەغ سېلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى ئورتاق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

مىنىستىرلار يىغىنىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە تېخنىكا، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى مىنىستىرلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر 20-نويابىر ۋىدېيو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا سۇنۇلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنى ئەركىن ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنى 16-نويابىر ۋىدېيو شەكلىدە ئېچىلدى