ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

زىيارەت قىلىنغۇچىلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:20

يېقىندا ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە سىياسىتى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى ئامما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىكەن، جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئېشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدىكەن.

بۇ ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە «ھازىرقى ئەھۋالنى باھالاپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئالىملار، سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلاردىن جەمئىي 1000 جاۋاب يىغىلغان، مەزمۇنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى باھالاش، كەلگۈسى ھەمكارلىق يۆنىلىشى ۋە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقىغا قارىتا، %79 زىيارەت قىلىنغۇچى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەرگەن، %77 زىيارەت قىلىنغۇچى «جۇڭگو بارغانسېرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلانماقتا» دەپ قارىغان، %85 زىيارەت قىلىنغۇچى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، %80 زىيارەت قىلىنغۇچى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. ۋاكسىنا ھەمكارلىقى %94، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشى %90، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش ھەمكارلىقى %89 زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ نەزىرىدىكى ئالدىن ھەمكارلىشىدىغان ساھەگە ئايلانغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

زىيارەت قىلىنغۇچىلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلدى

يېقىندا ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە سىياسىتى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى بويىچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،