ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭلىرى تېلېفونلىشىپ، ناگورنو قاراباغ رايونى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-25 17:23
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن11-ئاينىڭ 24-كۈنى كېلىشىۋالغىنى بويىچە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ناگورنو-قاراباغ  رايونىنىڭ ۋەزىيىتى  قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. تېلېفوندا، رۇسىيە ۋە تۈركىيە زۇڭتۇڭلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمزالانغان ناگورنو قاراباغ رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدى. پۇتىن ئەردوغانغا رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ناگورنو قاراباغ رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى  ئۇقتۇردى  . ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىنىڭ ناگورنو قاراباغ رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
 
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭلىرى تېلېفونلىشىپ، ناگورنو قاراباغ رايونى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

ۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن11-ئاينىڭ 24-كۈنى كېلىشىۋالغىنى بويىچە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلىشىپ