ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گىرېتسىيە، جۇڭگو كارخانلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-25 17:12
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىندا«گىرېتسىيە- كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى ياۋروپا  يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مەبلەغ سېلىش ئورنى» ناملىق  ۋىدېيولۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. گىرېتسىيە جۇڭگو كارخانىچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گىرېتسىيە دېڭىز-ئوكيان ئەشيا ئوبوروتى، سودا مەركىزى ۋە«بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان تايانچ نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش نىشانى بولۇپ كەلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جوۋ لىخوڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ساھەلىرى تېخىمۇ مۇقىم ھالدا كۆپ خىللىشىدۇ ، بۇ قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش، ياسىمىچلىق، تەتقىقات  يېزا ئىگىلىكى ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېشىل ئىقتىساد ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گىرېتسىيە، جۇڭگو كارخانلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

يېقىندا«گىرېتسىيە- كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى ياۋروپا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مەبلەغ سېلىش ئورنى» ن