ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش»تىن ئەندىشە قىلغان ئەنگلىيە تاللا بازارلىرى يېمەكلىك ساقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-12-16 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ھەر ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى يېڭى يىل كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش»نىڭ ئەڭ ناچار ئەھۋالىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزمەكتە. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن، ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن تاللا بازارلىرى يېمەكلىك ۋە باشقا تاۋارلارنى زاپاس ساقلاشنى باشلىغان بولۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش»غا تەييارلىق قىلغان.

ئەنگلىيە «يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تاللا بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە ئەمەلدارلار ئاممىنىڭ نەرسە-كېرەكلەرنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، بۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمە سېتىۋېلىشتىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مەسلىھەتچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، گۆش بىلەن تەمىنلەش تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن، مېۋە-چىۋە ئاساسلىقى جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كېلىدىكەن، لېكىن كۆكتات تەمىناتى ئۈچ ئاي قىس بولۇشى مۇمكىنكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش»تىن ئەندىشە قىلغان ئەنگلىيە تاللا بازارلىرى يېمەكلىك ساقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى،