ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ: ئامېرىكىدا روژدېستۋا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقۇم داۋاملىق يامانلىشىشى مۇمكىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-12-16 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچكىچە، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى جەمئىي 16 مىليون 222 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، قازا قىلغانلار جەمئىي 300 مىڭغا يېقىنلاشقان. ئامېرىكا ئىئوۋا داشۆسى مىكرو بىيولوگىيە ۋە ئىممۇنىتېت پىروفېسسورى ستانلېي بورمان مۇنداق دېدى: يېقىندا ئامېرىكىدىكى يۇقۇمنىڭ يامانلىشىشى ھاۋارايى سوغۇق بولغاندا كىشىلەرنىڭ ئۆي ئىچى پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كىشىلەر «ماسكا تاقاش بۇيرۇقى»غا ئۈنۈملۈك ئەمەل قىلمىغان، ئىجتىمائىي ئارىلىقنى قاتتىق ساقلىمىغانلىقتىن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى تېزلەشكەن. روژدېستۋا بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇم كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن، بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ: ئامېرىكىدا روژدېستۋا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقۇم داۋاملىق يامانلىشىشى مۇمكىن

ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى