ئامېرىكىدا دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى 18 مىليون 364 مىڭ 615 كە يەتتى
ئامېرىكا جونىس خوپكىنىس داشۆسىنىڭ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 24-دېكابىر سائەت تۆتتىن 22 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى 18 مىليون 364 مىڭ 615 كە، قازا قىلغانلار 324 مىڭ 905 كە يەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا بىر ئىزدا توختاپ قالغان بولۇپ، 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۇرمۇشىنى قامداشتا يەنىلا ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.