ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە باشلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر 12-ئاينىڭ 27-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى، ياشانغانلار، ياشانغانلارنى كۈتۈش ۋە پەرۋىش قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرى قاتارلىقلارغا ئالدىن ئەملىنىدۇ.