ياپونىيەلىكلەر ۋە ۋىزىسى بار چەت ئەللىك خادىملار 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ شەرتنى ھازىرلىغاندىن كېيىن ياپونىيەگە كىرسە بولىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىدە 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2021-يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بارلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىن كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشى پىرىنسىپ جەھەتتىن ۋاقتىنچە توختىتىلدى، ياپونىيەلىكلەر ۋە ۋىزىسى بار چەتئەللىكلەر يۇقىرىقى مەزگىللەردە يەنىلا چېگرىدىن كىرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو، كورېيە قاتارلىق 11 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرىدىن كىرىش مەسىلىسىنى پەسەيتىش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولۇپ، يۇقىرىقى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار قىسقا مۇددەتلىك ۋىزىسى بار ئەھۋالدا ياپونىيەگە كىرگەندىن كېيىن 14 كۈن ئايرىۋىتىلمەيتى، ئەمما ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋىزىسى بار سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن يەنىلا 14 كۈن ئايرىۋېتىلگەن ئىدى.