ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارادىكى تاراتقۇلار جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن خەۋەر قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:41

خەلقئارادىكى تاراتقۇلار جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس مەنبەسى تەتقىقات بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 9-فېۋرال ۋۇخەندە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى پېتىر داساك: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتتى، بىزنىڭ تەلەپ قىلغان بارلىق سورۇنلارنى زىيارەت قىلىشىمىز، ئۇچراشماقچى بولغانلار بىلەن ئۇچرىشىمىزغا يول قويۇلدى دېدى.

خەلقئارا تاراتقۇلار يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىلار ئارقىلىق ئىنسانلارغا يۇقۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس دېگەن تەتقىقات نەتىجىسىنى نۇقتىلىق خەۋەر قىلدى. ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى بەزى كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقاتخانىسىدىن تارقالغان» دېگەن قاراشنىڭ ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن دەپ قارىدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىر قىسىم كىشىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ياسالغان ياكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغان دەپ پەرەز قىلىشتى، ئەمما بۇ پەرەز خەلقئارا ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە بۇ تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋاتقان جۇڭگولۇق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى داساكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى جۇڭگودا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى باشقا رايونلارغا يۆتكىگىلى بولىدۇ. داساك: ھازىر مۇھىم نۇقتىنى تەمىنات زەنجىرىگە قارىتىش كېرەك دەپ قارىغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有