ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەزى چەتئەل رەھبەرلىرى ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:41

يېقىندا، جۇڭگو تەمىنلىگەن ۋاكسىنىلار نۇرغۇن دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلدى، پاكىستان، ئېكۋاتور گىۋېنىيەسى، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان جۇڭگو پاكىستانغا ياردەم بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە پاكىستاننىڭ تۇنجى تېببىي خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندا ۋاكسىنا ئەملىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. زۇڭلى ئىمران خان جۇڭگونىڭ پاكىستانغا ۋاكسىنا ياردىمى بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان ئالدىرىغان ئىشلارغا ئالدىرىغانلىقى، كوللېكتىپ ھەرىكىتىنىڭ تېز ۋە كۈچلۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېكۋاتور گىۋېنىيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئوباما مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېكۋاتور گىۋېنىيەسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە قىممەتلىك ۋاكسىنىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى.

سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگونىڭ سېربىيەگە قىلغان غايەت زور ياردىمى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

كامبودژا باش ۋەزىرى خۇن سېن مۇنداق دېدى: كامبودژا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى، ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ كامبودژاغا ۋاكسىنا ياردىمى بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有