ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدا كۆچمەنلەر كىرىزىسى ئېغىرلاشتى، كۆچمەنلەر ھەققىدىكى يېڭى سىياسەت خىرىسقا دۇچ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-14 17:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى كۆپلىگەن كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى قويۇۋېتىش سىياسىتىنىڭ جەلپ قىلىشى ئارقىسىدا، يېقىندا كۆپلىگەن كۆچمەنلەر ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا قاراپ يۆتكەلدى، بۇ بايدىن ھۆكۈمىتىگە ھەسسىلەپ بېسىم بولدى.

بۇ يىل 2-ئايدا، ئامېرىكا چېگرا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەننى تۇتۇپ تۇرغان. كۆپلىگەن ئامېرىكا ئاممىسى ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ھېس قىلدى ھەمدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.

ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاز سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىكاش باشچىلىقىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە كەڭ قورساقلىق قىلىش پوزىتسىيەسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئامېرىكىنى ئۆزلىرىنىڭ پاناھلىنىدىغان جايى قىلىشقا جەلپ قىلدى. نىيۇيورك ئىشتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى كارتېكو مۇنداق دېدى: بىز ھازىر «بايدىن چېگرا كىرىزىسى»نى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز، بۇ ھازىرقى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى، بىخەتەرلىك كىرىزىسى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى دىياۋ دامىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشى يەنە ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ پارچىلىنىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. لاتىن ئامېرىكىسىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلار ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىردى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كەينىدىكى ئاق تەنلىك سايلىغۇچىلار ياكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كەينىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغان سايلىغۇچىلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەيدىغان كۆچمەنلەر سىياسىتىدىن ئىبارەت بۇ خىل تالىشىشى بىر قەدەر روشەنلىشىدۇ، چۈنكى بۇ سىياسەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ زادى كىمنىڭ ئامېرىكىسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ».

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدا كۆچمەنلەر كىرىزىسى ئېغىرلاشتى، كۆچمەنلەر ھەققىدىكى يېڭى سىياسەت خىرىسقا دۇچ كەلدى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى كۆپلىگەن كۆچمەنلەر سىياسىتىنى