ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بېلارۇسىيەگە چېتىشلىق قارار لايىھەسىگە قارشى تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-25 18:19

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى3-ئاينىڭ 24ـ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46ـ قېتىملىق يىغىنىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر سۇنغان «بېلارۇسىيەنىڭ 2020ـ يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قارشى ئاۋاز بەردى.

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئالاقىدار قارار لايىھەلىرىدە بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە پىسەنت قىلماي، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ بېسىم ئىشلەتكەن،بېلارۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشتەك بۇنداق ئۇسۇل كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، خالاس.

چېن شۈ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قارار لايىھەسىنى سۇنغان بىر قىسىم دۆلەتلەر كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، رايون داۋالغۇشى ۋە نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ خانىۋەيران بولۇشى، يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ دۆلەتلەر بۇنى كۆرمەسكە سېلىپلا قالماستىن، يەنە كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن بېلارۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرگە بىر تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

شۇ سەۋەبتىن، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيەنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قوللىدى ھەمدە قارشى ئاۋاز بەردى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بېلارۇسىيەگە چېتىشلىق قارار لايىھەسىگە قارشى تۇردى

جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى3-ئاينىڭ 24ـ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46ـ قېتىملىق يىغىنىدا