رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە 5-ئاينىڭ 9-كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھەربىي پارات مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: غەلىبە كۈنى رۇسىيە خەلقىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى، پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەنمۇ زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ناتسىستلىق ئېڭى باش كۆتۈرۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تارىخنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. رۇسىيە دۆلەت مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىدىن 12 مىڭدىن ئارتۇق خادىم پاراتقا قاتناشتى، پاراتقا قاتناشقان بارلىق خادىملار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتتى. ھەربىي پارات مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پۇتىن بىلەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى پېشقەدەم ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.