ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-01 09:56

جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دوست ئەرباپلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما يوللاپ، خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدا، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنياغا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كېيىنكى 100 يىللىق شانلىق يېڭى مۇساپىنى باشلايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېپال زۇڭتۇڭى باندارى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرگەن دۇنيادىكى كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىلھام بەرمەكتە.

ئەزەربەيجان يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ئەلىيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ ھەرقايسى ساھەلەردە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت ياراتتى.

بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېۋارىست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۆزىنىڭ تەقدىرى ۋە كەلگۈسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگونى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتىك ئەربابلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى دودىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگونى يېتەكلەپ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇردى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

بېلارۇسىيە زۇڭلىسى گولوۋچېنكو مۇنداق دېدى: جۇڭگونى پۇقرالارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقنى ئاساس قىلغان زامانىۋى دۆلەت ئەندىزىسىنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

ئارگېنتىنا، بولىۋىيە، بىرازىلىيە، چىلى، كولومبىيە، كۇبا، پېرۇ، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كومپارتىيەلىرى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆزلەش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دوست ئەرباپلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما يوللاپ، خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدا، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنياغا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى،