ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەلگۈسىدە ناچار ھاۋارايى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-12 14:56

 

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسىدە ناچار ھاۋارايى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن

 ب د ت ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس كومىتېتى 9- ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلدى، دوكلاتتا كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا يەر شارىدىكى بارلىق رايونلار كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كەسكىن سىنىقىغا دۇچ كېلىدۇ، ئىللىق پەسىل تېخىمۇ ئۇزۇن، سوغۇق پەسىل تېخىمۇ قىسقا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق ناچار ھاۋارايى تېخىمۇ كۆپىيىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

   بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا، ئاسىيا رايونىنىڭ يەر يۈزى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەپ، مۇتلەق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆپىيىپ، مۇتلەق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئازىيىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ۋە كۈچلۈك ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپىيىدىكەن، قىسمەن رايونلارنىڭ سوتكىلىق مۇتلەق ھۆل - يېغىن مىقدارىمۇ كۆپىيىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى قۇرغاق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى تېخىمۇ نەمخۇش بولىدىكەن.

  بۇ دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 6- قېتىملىق كىلىمات ئۆزگىرىشىنى باھالاش دوكلاتىنىڭ 1- خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتى بولۇپ، 2013- يىلى 5- قېتىملىق باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيانقى دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىلمىي تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر ئومۇميۈزلۈك باھالانغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كەلگۈسىدە ناچار ھاۋارايى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن

كەلگۈسىدە ناچار ھاۋارايى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن