ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش سالاھىيىتى يوق

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-12 14:57

 

جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بىرنەرسە دېيىش سالاھىيىتى يوق

 جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق ۋەكىلى دەيبىڭ 9-ئاۋغۇست خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ۋەكىللىرىگە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا رايون سىرتىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ھە دېسىلا ئىلغار پاراخوتلارنى جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگۈزۈپ، خالىغانچە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، بۇ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا ئەڭ زور تەھدىت. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە قالايمىقان گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق.

   خەۋپسىزلىك كېڭىشى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان مۇۋاپىق سورۇن ئەمەس. ئامېرىكا سۆزىدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن بويىچە دېڭىز قاتنىشى ۋەئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى» نى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكىتىنى ئۆلچەم قىلىش» نى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. بىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش ئىرادىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.

دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، رايون توقۇنۇشى كۆپىيىۋاتىدۇ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى، دېڭىزدا قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش، دېڭىزدا زەھەر ۋە قورال-ياراغ ئەتكەسچىلىكى قىلىش، دېڭىزدا ئادەم توشۇپ سېتىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەر ئەۋج ئېلىپ، ئالاقىدار رايونلارنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش سالاھىيىتى يوق