ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافغانىستان تالىبانلىرى 7 ئۆلكىنى ئىشغال قىلدى

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-08-12 15:14

 

ئافغانىستاندىكى تالىبان فەرەھ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فەرەھ شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى  جاكارلىدى

ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ باياناتچىسى زەبىئۇللا مۇجاھىد 10-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: تالىبانلار غەربىي قىسىمدىكى فەرەھ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فەرەھ شەھىرىنى ئىشغال قىلدى.

      ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

فەرەھ ئۆلكىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى شەھلا ئەبۇبەكىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى فەرەھ شەھىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ، 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن شەھەر سىرتىدىكى بىر ھەربىي بازىغا چېكىندى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى 1-مايدىن باشلاپ ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان، فەرەھ ئافغانىستان تالىبانلىرى ئىشغال قىلغانلىقىنى جاكارلىغان 7-ئۆلكە مەركىزى بولۇپ قالدى. قالغان ئالتە شەھەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا سامانگان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئايبېك شەھىرى، تاھار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تەلاقان شەھىرى، قۇندۇز  ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قۇندۇز شەھىرى، سەرپۇل ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى سەرپۇل شەھىرى، جۇزجان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىبىرغان شەھىرى ۋە نىمرۇز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى زەرەنج شەھىرىدىن ئىبارەت.

تالىباننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئاچتى. ئافغانىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىغىندا جايلاردىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تالىبانغا زەربە بېرىشىنى قوللاش قارار قىلىندى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بۇ يىل 4-ئايدا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 1-مايدىن باشلاپ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، 11-سېنتەبىردىن بۇرۇن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بايدېن 8-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىيۋەزىپىسى 31-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى تېزلىتىشىگە ئەگىشىپ، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافغانىستان تالىبانلىرى 7 ئۆلكىنى ئىشغال قىلدى