رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: رۇسىيە تالىباننىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەنلىكىنى جاكارلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 9-ئاينىڭ 6-كۈنى رۇسىيەنىڭ تالىباننىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەنلىكىنى جاكارلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. لاۋروف: ئەگەر يېڭى ھۆكۈمەت سىغدۇرۇشچان بولسا، رۇسىيە تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ، دېدى.
بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئافغانىستان تالىبانلىرى تۈركىيە، قاتار، رۇسىيە، ئىران، پاكىستان ھەمدە جۇڭگوغا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش تەكلىپى ئەۋەتكەن. تالىباننىڭ باياناتچىسىمۇ مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن بىر قىسىم مېھمانلارنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.