ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇدانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش ئىشچى ئەسكەرلىرى جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاساسلىق تەمىنات لىنىيەسىدىكى يوللارنى ياساش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-07 17:31

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى::

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگونىڭ 11-تۈركۈمدىكى جەنۇبىي سۇداننىڭ (ۋائۇ)غا بارغان تىنچلىق ساقلاش ئىشچى ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتى ۋائۇدىن ئاۋېرغا بارىدىغان ئاساسلىق تەمىنات لىنىيەسىدىكى يوللار ۋە ئاۋېردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى گازارمىنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملىدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋائۇدىن ئاۋېرغىچە بولغان يول بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 143 كىلومېتىر بولۇپ، يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 8 مېتىردىن15 مېتىرغىچە كېلىدىكەن. يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى، ۋەزىپىنىڭ تاماملىنىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرى ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇدانغا بارغان تىنچلىق ساقلاش ئىشچى ئەسكەرلىرى جەنۇبىي سۇداننىڭ ئاساسلىق تەمىنات لىنىيەسىدىكى يوللارنى ياساش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگونىڭ 11-تۈركۈمدىكى جەنۇبىي سۇداننىڭ (ۋائۇ)غا بارغان تىنچلىق ساقلاش