ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-13 16:27

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى Japarov سادىر جاپپاروف شۇ كۈنى پەرمان ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

بۇ پەرمانغا ئاساسەن، جاپپاروف ھۆكۈمەت زۇڭلىسىMaripov مارىپوۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى ھەمدە ئاكېربېك جاپپاروفنى مۇۋەققەت زۇڭلىلىققا تەيىنلىدى. جاپپاروف ئىلگىرى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان.باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ھازىر يېڭى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەشكىللەش لايىھەسى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتتى

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 12 -كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى