ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا «كۈنمىڭ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-14 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنىدا 10-ئاينىڭ 13-كۈنى «كۈنمىڭ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.«خىتابنامە»دە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشىنى توسۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىندى.

«جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى تەرەپلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە كېڭىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو تەرەپ «كۈنمىڭ خىتابنامىسى»نى تەييارلىدى ھەمدە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم پىكىر ئېلىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەھدىنامىنى تەييارلىدى.

خۇاڭ رۈنچيۇ مۇنداق دېدى: «كۈنمىڭ خىتابنامىسى» نىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بىزنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ساھەسىدە ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز ۋە ئورتاق تونۇشىمىزنى تارقىتىش. بۇ بايانات كۈچلۈك سىگنال بېرىپ، دۇنياغا بىزنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى يوقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىمىزنى نامايان قىلىدۇ ھەمدە بىزنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان قارالمىلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلىدۇ.

«خىتابنامە» دە مۇنداق ۋەدە بېرىلدى: ئۆز دۆلىتىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش، يېڭىلاشنى تېزلىتىش ۋە كۈچەيتىش؛ ئۈنۈملۈك قوغدىلىدىغان سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە بەرپا قىلىش؛ يەر شارى مۇھىت قانۇن رامكىسىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «2020ـ يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» نى يولغا قويۇشقا كېرەكلىك مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەدىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش؛ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق ھازىرقى كۆپ تەرەپلىك مۇھىت كېلىشىمى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق، تاتلىق سۇ ۋە دېڭىز ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن دۆلەتلەر جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئاممىنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى يوقىتىش ۋە كىلىمات كىرىزىسىنى بىر پۈتۈنلۈك، سىستېمىلىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى. بەزى دۆلەتلەر «كۈنمىڭ خىتابنامىسى» نىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، يەر شارىنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى يەنىمۇ قوغدىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«خىتابنامە»دە «2020-يىلىدىن كېيىنكى يەر شارى جانلىقلار كۆپ خىللىقى رامكىسى»نى تۈزۈش، ماقۇللاش ۋە يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نۆۋەتتىكى جانلىقلار كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2030-يىلى جانلىقلار كۆپ خىللىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش يولىغا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش» تىن ئىبارەت 2050-يىللىق ئارزۇنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بېرىلدى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا «كۈنمىڭ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەر كېڭىشىنىڭ