خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى چاغاننى تەبرىكلىدى
يولۋاس يىلىدىكى چاغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا توغرا كەلدى، نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە چەتئەللىك سىياسى ئەربابلار جۇڭگو خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازۇلەي مۇنداق دېدى: يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى بىر يىل يولۋاس يىلى، يولۋاس يىلى جاسارەت ۋە يۈكسەك ئىرادىنىڭ بەلگىسى، يولۋاس يىلى يەنە ئۈمىدكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىناي دەپ قالدى، مەنمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا مۇنداق دېدى: يولۋاس كۈچ-قۇدرەت ۋە قاسارەتكە، شۇنداقلا ئەقىل-پاراسەت، باتۇرلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە تېخىمۇ زور كۈچكە ئېرىشىپ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ قەيسەر بولايلى.
سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستاشاجىس مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ يولۋاس يىلىدا تېنىنىڭ ساغلام، كۈنلىرىنىڭ ياخشى ئۆتۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. مەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.