ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى چەتئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا «چاغانلىق سومكا» تارقىتىپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:阿曼古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-31 15:30

 يولۋاس يىلىدىكى چاغان كېلىش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى يېقىندا شۇ جايدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە يۇقۇمدىن ساقلىنىش بۇيۇملىرى ۋە بايراملىق سوۋغاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «چاغانلىق سومكا» تارقىتىپ، بۇ ئارقىلىق ۋەتەننىڭ چەتئەلدىكى قېرىنداشلارغا بولغان چاغانلىق سالىمىنى يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

 جۇڭگونىڭ تىرىنىداد ۋە توباگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى «چاغانلىق سومكا» تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەلچىخانا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «چاغانلىق سومكا»نىڭ كۆپچىلىككە ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بارلىق چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا تىنچ-ئامان، ساغلام بولۇشىنى، يولۋاستەك جاسارەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. چياۋمىن قېرىنداشلار دوستلار چەمبىرىكىگە «چاغانلىق سومكا»لىرىنى يوللاپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

 جۇڭگونىڭ ۋېنېسۇئېلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىرلەشمە باش جەمئىيىتى ئارقىلىق ۋېنېسۇئېلادىكى قىسمەن چياۋمىن قېرىنداشلارغا «چاغانلىق سومكا» تارقاتتى. باش ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى چېن جيەنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەتەننىڭ ۋېنېسۇئېلادىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە رەھمەت، ۋېنېسۇئېلادىكى چياۋمىن قېرىنداشلار داۋاملىق ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا دوستلۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

 جۇڭگونىڭ رومىنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يېقىندا رومىنىيەدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا 100 گە يېقىن «چاغانلىق سومكا» تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ياقا يۇرتتا ئىللىق، خۇشال چاغان ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

 جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بىلگىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا «چاغانلىق سومكا» تارقىتىپ بەردى. جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ساۋ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: ھەر بىر «چاغانلىق سومكا» غا ۋەتەننىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆيۈنىشى ۋە غەمخورلۇقى مۇجەسسەملەنگەن. چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى خې جيادۇڭ: «چاغانلىق سومكا» كۆپچىلىككە ئىللىقلىق ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى دېدى.

 جۇڭگونىڭ كىرودىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى شۇ جايدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە «چاغانلىق سومكا» تارقاتتى. كىرودىيەدىكى جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن يىڭلې مۇنداق دېدى: «چاغانلىق سومكا» كرودىيىدىكى چياۋمىنلىق قېرىنداشلارغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

 جۇڭگونىڭ نىكاراگۇئادىكى باش ئەلچىخانىسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى «چاغانلىق سومكا» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئەلچىخانا مەسلىھەتچىسى يۈ بو مۇنداق دېدى: چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن نىكاراگۇئا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى چاغاننى كۈتۈۋېلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە بولدى. ۋەتەن ۋە ئەلچىخانا مەڭگۈ چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى. چياۋمىنلار: «چاغانلىق سومكا» بىز تاپشۇرۋالغان ئەڭ ياخشى چاغانلىق سوۋغىمىز دېدى.

 جۇڭگونىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سۈرىيىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا «چاغانلىق سومكا» تارقاتتى. جۇڭگونىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىملىق بايرامدا تۇغقانلارنى ناھايىتى سېغىنىمىز، ئەلچىخانا چەتئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى ۋە مۇستەھكەم يۆلەنچۈكى، بىزنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپچىلىكنى ساغلام، تىنچ، بەختلىك چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

 جۇڭگونىڭ روسىيەنىڭ سانكىت پېتىربورگتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كونسۇلخانا رايونىدىكى جۇڭگولۇق قېرىنداشلارغا «چاغانلىق سومكا» تارقىتىپ بەردى. باش كونسۇل ۋاڭ ۋېنلى كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، چاغاننى شۇ جايدا خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى چەتئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا «چاغانلىق سومكا» تارقىتىپ بەردى

ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى چەتئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا «چاغانلىق سومكا» تارقىتىپ بەردى