ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئامما قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:阿曼古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-31 15:35

 بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئامما مۇز مەيدانىغا، قار مەيدانىغا بېرىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەت قىشلىق ئولىمپىك مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھە ۋە يانداش مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ، ئۆزگىچە قار-مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، قار-مۇز كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

 ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ۋە كىلىمات شارائىتى رۇسىيە مەدەنىيىتىدىكى ئۆزگىچە «قار-مۇز ئېلېمېنتى» نى شەكىللەندۈرگەن. رۇسىيە 2014-يىلى سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش كۈنى يەنى 2-ئاينىڭ 7-كۈنىنى قىشلىق تەنھەرىكەت كۈنى قىلىپ بېكىتتى. ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە رۇسىيەدىكى نۇرغۇن باغچىلار مۇز تېيىلىش، چانا، قارلىق موتوسىكلىت قاتارلىق پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، قىزىل مەيدان، گوركىي باغچىسى قاتارلىق دالا سورۇنلىرى كۈمۈش رەڭلىك لىباس كىيىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى توپلاشقان جايغا ئايلىنىدۇ.

 ئاممىنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەردى. 2020-يىلى روسىيە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى «تەنتەربىيەنى تۇرمۇشتىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە رايون خاراكتېرلىك مۇز توپ مەركىزىدىن ئالتىسى قۇرۇلىدۇ ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

 موسكۋادا، قۇشقاچ تېغى قار تېيىلىش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىلىشى لۇژنىكى تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن بىللە، موسكۋا دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تېخىمۇ مۇكەممەل تەنھەرىكەت رايونى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئومۇسكىدا، ھۆكۈمەت 2020-يىلى ۋە 2021-يىلى 4 مىليارد 900 مىليون رۇبلىغا يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، مۇز توپ، چانا، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە سارىيى قۇردى؛ ۋىلادىۋوستوكتا، يېڭى مۇز چەينەك مەركىزى قەد كۆتۈردى ھەمدە شۇ جايدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى 1000 سائەتلىك ھەقسىز مۇز چەينەك دەرسى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى.

 قار-مۇز تەنھەرىكىتى ياشلارنىڭلا پاتېنتى ئەمەس. 2019-يىلى «موسكۋا ئۇزۇن ئۆمۈر تۈرى» دە تۇنجى قېتىم ياشانغانلارغا مۇز تېيىلىش ۋە قار تېيىلىش دەرسى تەسىس قىلىندى، 30 دىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە بار باغچىدا، كەسپىي تەربىيىلگۈچىلەر دەرس ئۆتتى. نۇرغۇن ئاق چاچلىق ياشانغانلار مۇز ئۈستىدە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى.

 مۇز تېيىلىش كورىيە خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. كورىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مۇز تېيىلىش مەيدانى بار، ھەمدە نىسبەتەن ئەرزان بولغان مەيدانغا كىرىش ۋە ئىجارىگە بېرىش باھاسى بىلەن ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. سىئول شەھىرىدە، ھۆكۈمەت ياش-ئۆسمۈرلەر مەخسۇس ئۆي ئىچى مۇز مەيدانى تەسىس قىلدى، بۇ يەردە قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ تېيىلىش ۋە مۇز توپ قاتارلىقلارنى ئۆگەنسە بولىدۇ.

 2018-يىللىق پىيۇڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، كورىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرى قىشلىق تەنھەرىكەتنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. يەرلىك ھۆكۈمەت «ئولىمپىك مىراسى» دىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ خىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھىلىدى، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن تەنتەربىيە قىشلىق لاگىرى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جياڭلىڭ شەھىرى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن كورىيە ئاياللار مۇز چەينەك ۋەكىللەر كوماندىسىنى شۇ جايدا دائىم تۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. جياڭلىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى جياڭ خەنگېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇز چەينەك تەنھەرىكىتىنىڭ بۇ جايدا ئومۇملىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى، يەنە نۇرغۇن مۇز چەينەك ھەۋەسكارلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلات، قوشۇن تەشكىللەپ جياڭلىڭغا كېلىپ مۇسابىقىلەشتى، قار-مۇز تەنھەرىكىتى تېخىمۇ ئاممىۋىلاشماقتا.

 ئىتالىيە تەۋەسىدىكى تاغلىق رايون دۆلەت زېمىنىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ، ئالپىس تاغ تىزمىسى شۇ جايغا شارائىتى ئەۋزەل نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. كوردىنا دانپېيزو 1956-يىلى 7-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن؛ 50 يىلدىن كېيىن، تورىنو قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى ئىتالىيە شەھىرىگە ئايلاندى؛ 2026-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مىلان بىلەن كوردىنا دانپېيزودىن ئىبارەت ئىككى شەھەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ. كۆپ قېتىم قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ-چوڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئىتالىيەنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

 كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىتالىيەدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان قار-مۇز تەنھەرىكىتى كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە بەشتىن ئارتۇق فۇنىكۇليور بار قار تېيىلىش مەيدانى 349 غا، تاغدا قار تېيىلىش يولى 6700 كىلومېتىرغا، دالىدا قار تېيىلىش يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1926 كىلومېتىرغا، قار-مۇز ساياھىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 400 مىڭغا يېقىنلاشقان. 2020-يىلى ئىتالىيەنىڭ قار-مۇز ساياھەتچىلىك كىرىمى 10 مىليارد 600 مىليون ياۋروغا يېتىپ، ئىتالىيە ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ % 11.2 ئىنى ئىگىلىگەن.

 ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تولۇق تەرەققىي قىلىشى قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالدى. مەسىلەن، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تورىنو تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەدرىجىي ھالدا سانائەت شەھىرىدىن تەنتەربىيە شەھىرى، ساياھەت شەھىرىگە قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئىتالىيەنىڭ تۆتىنچى چوڭ ساياھەت شەھىرى بولۇپ قالدى ھەمدە «ياۋروپا تەنتەربىيە شەھىرى» بولۇپ باھالاندى. رىم داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2026-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قار-مۇز پايدىسى مۇددەتتىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ، ئىتالىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشماقتا ئىكەن.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئامما قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا

نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئامما قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا