ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى چاغانلىق بەخت تىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:伊明江|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-01 10:56

چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى جۇڭگو خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى ھەمدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئىنتىزار بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 76-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى شاھىد مۇنداق دېدى: بېيجىڭنىڭ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، قالتىس قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بەھرىمەن بولۇشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يولۋاس يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭىز سالامەت، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئېنگوچى ئوكونجو يىۋېي مۇنداق دېدى: چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، چاغاننى تەبرىكلەۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشى، بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشى، ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنى تىلەيمەن. 2022-يىلى يولۋاس يىلى، بىز 2022-يىلى يولۋاسقا قانات چىققاندەك بولىمىز. مەن يەنە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

 جۇڭگونىڭ قاتنىشىشى، قوللىشى ۋە تۆھپىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

 سېربىيە زۇڭلىسى بۇرنابىچ مۇنداق دېدى: سېربىيەدە بىزمۇ جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو بىلەن بولغان پولاتتەك دوستلۇقىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق. مەن بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.



 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى چاغانلىق بەخت تىلىدى

چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى جۇڭگو خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى ھەمدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئىنتىزار بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.