دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى توغرىسىدا ھەپتىلىك دوكلات ئېلان قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئالدىنقى كۈندىكىدىن 1 مىليون 913 مىڭ 949 ئى كۆپىيىپ، 376 مىليون 478 مىڭ 335 كە يەتكەن؛ يەنە 6331 بىمار قازا قىلىپ، 5 مىليون 666 مىڭ 64گە يەتكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى توغرىسىدا ھەپتىلىك دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى ھەپتە (1ـ ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە)، پۈتۈن دۇنيادا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 22 مىليوندىن ئاشتى، يەنە قازا قىلغان بىمار ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا %9 كۆپەيدى.