ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«بەش تەكلىپ»-جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:阿布都拉|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-03 15:29

جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بەش تەكلىپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ «دېڭىز» بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.

 قەدىرلىك دوستلار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋىدىيولۇق باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، «خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشىنىشكە ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ياخشى قوشنىسى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى دوستى، ياخشى قېرىندىشى» دېگەن بۇ قەتئىي ئىپادىنى بىلدۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بەش تەكلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشنى جاكارلىدى.

 قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان-جۇڭگونىڭ غەربىدىكى مۇھىم قوشنا دۆلەتلەر. 30 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو ئالدى بىلەن بۇ بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئارقىدىن، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇس قىلىنغان تۇنجى جايغا ئايلانغاندىن تارتىپ جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى بىلەن جۇڭگو-قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتۈشىگىچە بولغان بىر قاتار تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدى.

 جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغان ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەم تۇنجى قېتىم دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، بۇ-ئىككى تەرەپنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پىلانلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى قىزغىن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىن قوشنىلاردىن كەلگەن بۇ قوللاش-ئۆز ئارا دوستلۇقنىڭ ئەڭ ياخشى كارتىنىسى.

 بۇرۇنقى ئىشلارغا قانداق قاراش كېرەك؟ رەئىس شى جىنپىڭ «ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش»، «ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق»، «جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش»، «ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تۆت شىفىرىنى خۇلاسىلىدى. كەلگۈسىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش تەكلىپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئۈلگە ئېتىزىنى ياخشى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەمكارلىق بەلبېغىنى قۇرۇش، تىنچلىقنى قوغداشنىڭ مۇداپىئە قالقىنىنى كۈچەيتىش، كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان چوڭ ئائىلە، تىنچ تەرەققىياتنى قوغدايدىغان يەر شارى كەنتى بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رۇسىيە ـ تاجىكىستان داشۆسى جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇزېر مەتكىننوۋا بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى-جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىق بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ دەپ قارىدى.

 ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئۇزاقتىن بۇيان، غەرب كۈچلىرى رايون سىياسىيسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىزچىل بۇ رايوندا ئىش تېرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. يېقىندا، قازاقىستان ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېفقا ئاغزاكى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ قازاقىستاننى چامىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، قازاقىستاننىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى ۋىدىيولۇق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز تاشقى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ھەر قانداق كۈچنىڭ خەلقنىڭ تىنچ تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

 باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، ئىدارە قىلىش يولى ۋە ئەندىزىسىنى ئۆز ئالدىغا تاللاشتا مۇتلەق ھوقۇقى بولىدۇ، بىز بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىكنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ-ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدە ئۆز ئارا قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

 ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش جەھەتتىن قارىغاندا، ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 100 نەچچە ھەسسە ئاشتى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. جۇڭگو بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازارنى ئېچىۋېتىشنى خالايدىغانلىقى، 2030-يىلىغىچە ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقى، جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ. قىرغىزىستاندىكى تەتقىقات ئاپپاراتى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى قۇبات رەخىموف ھەر قايسى دۆلەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە بايلىقتىن تەڭ بەھىرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ دەپ قارىدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بۇ يىل يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 50 مىليون تال ۋاكسىنا ياردەم قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوقۇش مۇكاپات سانىدىن 1200 نى بېرىدىغانلىقى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەقسىز ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تەدبىرلەر ئېنىقكى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

 «بىز جۇڭگونىڭ يېقىن قوشنىسى، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازىرى بىزنىڭ دېڭىزىمىز». بۇ-ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دوستلارنىڭ يۈرەك ساداسى. كەلگۈسى 30 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتتا، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بەش تەكلىپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ «دېڭىز» بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.



 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«بەش تەكلىپ»-جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى

جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بەش تەكلىپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ «دېڭىز» بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.