باخ: جۇڭگو قار-مۇز تەنھەرىكىتىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، جۇڭگو قار-مۇز تەنھەرىكىتىدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يەر شارى تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە زور ئۈمىد باغلىدى.
باخ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىمۇ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆتكۈزگەن تۇنجى شەھەر بولۇپ قالىدۇ. بېيجىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردە تولۇق تەييارلىق قىلدى. مېنىڭچە تەييارلىق خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئەڭ مۇھىم نەتىجە شۇكى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتى. شۇڭا، بىز بۈگۈنكى جۇڭگونى قار-مۇز تەنھەرىكىتى چوڭ دۆلىتى دېيەلەيمىز.