ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى دۇنياغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:阿曼古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-02-04 10:25

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021-يىلىدا، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە يارقىن نۇقتىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىغا، مۇھىم، زور خەلقئارا قارالمىلارغا يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى تەڭ باشلىدى.

 يېقىندا جۇڭگو تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى جۇڭگوغا ئەڭ روشەن تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئايلاندى، دەپ قارىغان.

 جۇڭگو يەر شارى جامائەت پىكرى مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ % 55.6 ئى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، جۇڭگوغا تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىققان، بۇ نەتىجە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان. رۇسىيە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى لېۋادا مەركىزىنىڭ 2021-يىلى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %75 رۇسىيە ئاممىسى جۇڭگوغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان. كۆپ ساندىكى رۇسىيە ئاممىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدە بارغانسېرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.

 2022-يىلىنىڭ بېشىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021-يىلى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەنگەن بىر يىل بولدى. يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ «يوشۇرۇن» ستراتىگىيىلىك ھەمكارلىقىنى قەتئي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى، دۇنيا تېنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

 لاۋروف 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىدىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بىردىنبىر ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى، بۇ رۇسىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ھازىرلانمىغان.

 2021-يىلى، جۇڭگو-رۇسىيە باشلىقلىرى تۆت قېتىم كۆرۈشۈپ تېلېفونلىشىپ، قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تۈرلۈك سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلار يىللىق ئالاقىسى، زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق يۇقىرى قاتلام ئالاقە مېخانىزمىنى ئورناتتى، بەش مۇئاۋىن زۇڭلى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشخانا مۇدىرلىرى كېڭىشىشى، ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى مېخانىزمى قاتارلىق ھەمكارلىق مەزمۇنى سىجىل بېيىدى، نەچچە ئون ھەمكارلىق شۆبە كومىتېتى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

 جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ ميەن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي، دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار، «بىر بەلباغ، بىر يول»، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قويۇق ھەمكارلىقنى ساقلىدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىدى.

 جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا سوممىسى 147 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: يېقىن كەلگۈسىدە، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەندەك، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا سوممىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ.

 2021-يىلى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى شەرتنامىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرى ئوخشاش بولمىغان خەلقئارا سورۇنلاردا: ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماتماسلىق دېگەننى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە خەلقئارا كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ تەشەببۇسچىلىرى بولۇپ، ھەممىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە تالاش-تارتىشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى، قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېمىسى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ياراتقان يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى.

 جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

 ياڭ ميەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى زومىگەرلىكتىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ھەممە يەردە ئىش تېرىپ، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپلەپ پەيدا قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى رايون تەشكىلاتلىرىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىق ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى، شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەر قەلبىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىنچلىقنى قوغداشتا ئىجابىي رول ئوينىدى. مەسىلەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، سۇرىيە مەسىلىسى، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، ئافغانىستان مەسىلىسى قاتارلىق رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلەپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى دۇنياغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021-يىلىدا، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە يارقىن نۇقتىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىغا، مۇھىم، زور خەلقئارا قارالمىلارغا يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى تەڭ باشلىدى.