بايدىن رۇسىيەنىڭ دونباسقا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنىلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، ھەمراھلىرىنىڭ بىردەك ھەم قەتئىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بايدىن باياناتىدا: رۇسىيە ئارمىيەسى «ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا» ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغىدى، بۇ بىر مەيدان «مەقسەتلىك» ئۇرۇش، رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دېدى.
بايدىن ئۆزىنىڭ ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كوللېكپىتى بىلەن ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدىغان ئېيتتى. بايدىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ئارقىدىن ئامېرىكا ئاممىسىغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيەنى يەنىمۇ جازالاش تەدبىرىنى جاكارلايدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا