پۇتىن دونباس رايونىدا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى قارار قىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، دونباس رايونىدا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۇتىن سۆزىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇتىن: پارلامېنتنىڭ دونباستا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا قارىتا بىرلىككە كەلگەن مەيداندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. ئۇ يەنە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن سۆزىدە مۇنداق دېدى: 30 يىلدىن بۇيان رۇسىيە ئىزچىل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭەيمەسلىكى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، لېكىن ئالدامچىلىق، بېسىم ئىشلىتىش ۋە پوپوزا قىلىشقا ئۇچرىدى. پۇتىن يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرى رۇسىيە چېگراسىغا قاراپ يۆتكىلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا