ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارادىكى ئەربابلار شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-19 09:51
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى، دەپ تەكىتلىدى. خەلقئارادىكى ئەربابلار شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ: شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، دېيىشتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇ: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى، دەپ تەكىتلىدى. خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنداق دېيىشتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدا تىنچ، ئىناق، جۇش ئورۇپ تەرەققىي قىلغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. شىنجاڭنىڭ داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
كامبودژا كامبودژا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىمونىل مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە كۆيۈنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ مىسلىسىز تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
پاكىستان پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مۇستافا مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، قاراماي شەھەرلىرىگە زىيارەتكە بېرىپ، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن. رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى يازماقتا، بۇ ھېكايىلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئېيتىشى، دۇنيا ئەھلى بۇ ھېكايىلاردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك. 
ئارگېنتىنا لاپىلاتا داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنى جۇڭگو تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى  مارىنا فرانسىسكا ستاينو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ۋە 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە جىپسىلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى دەل كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقلاردىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولدى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. 
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى رەسمىي يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق باھانىسى بىلەن شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جۇڭگونى توسۇشتەك سىياسىي ئويوننى يەنىمۇ كۈچەيتتى. 
كورېيە كاۋاڭۋون داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى كىم سىجاۋ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر جۇڭگو شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاتالماش قانۇن لايىھەسىدە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلچە ھۆرمەت قىلىنمىغان، بۇ زومىگەرلىك قىلمىشى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى تەپەككۇرىنىڭ ئىپادىسى.
بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن 263 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىلدا 460 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنىڭ %57.17ى ئورۇندالدى. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىلەن يۇقۇم كۆپ جايلاردا تارقىلىش ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ئاسان ئەمەس. مىسىرنىڭ سابىق زۇڭلىسى شاراف مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھەدېسە ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ چىقىشى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى قاتلىمىدىن شىنجاڭ ئىقتىسادىنى بوغۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىش، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن قارا چاپلاش، جۇڭگونىڭ ئەسەبىلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقى ۋە بۇ جەھەتتە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە كەلسە-كەلمەس قاراپ چاپلاش-جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق.
مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىگناسيو مارتىنىز مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توسۇپ، شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئورۇنۇش-شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك بىر تۇتاش پىلانلىشى بىلەن، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، تەرەققىياتى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولدى. باھانە تېپىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئورۇنۇشتەك ھەر قانداق  سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇب بولىدۇ.
تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارادىكى ئەربابلار شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى

كامبودژا كامبودژا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىمونىل مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە كۆيۈنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ مىسلىسىز تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.