ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئامېرىكا يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىش تېرىمدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-20 14:47

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بالى ئارىلىدىكى ئۇچرىشىشىدا، جۇڭگو  ئىككى تەرەپنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بۇ ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن ئاسىيادا قىسقا مەزگىللىك زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ، دىپلوماتىيە ھۇجۇمىنى قانات يايدۇردى. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە قانداق ئىستراتېگىيەلىك ئويى بار؟ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا قانداق قىلىپ ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولىدۇ؟ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئارقا-ئارقىدىن زىيارەتكە كېلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تايلاندتتا زىيارەتتە بولدى ھەمدە 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى.  يەنە كېلىپ بۇ ھەپتىدە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلىنكىن بىلەنلا چەكلەنمىدى.

ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى يېلېن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تۇنجى قېتىم ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ياپونىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە باردى. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى  داننېل كرىتېنبرنك كامبودژادا زىيارەتتە بولدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى دېرىك جورايت كورېيەدە زىيارەتتە بولدى. مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھارىس تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرىدە ۋىدېيولۇق سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تارىختىن بۇيانقى تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تۇنجى ئالاھىدە ئەلچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ رايونغا قارىتىلغان تۇنجى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا بلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى قانات يايدۇرۇشى جۇڭگو بىلەن بۇ رايوندا قوللىغۇچىلىرىنى تالىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدە، گەرچە جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بالى ئارىلىدا ماھىيەتلىك ھەم ئىجابىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا يەنىلا ئاتالمىش «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

ئەكسىچە جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھەيۋىسىگە قارىتا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولىمىز، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا، رايون تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، رايون ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىدە.

ئامېرىكىنىڭ ھەممىلا يەردە رىقابەتنى تەكىتلىگەنلىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، 7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرما، تايلاند، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، مالايسىيادا زىيارەتتە بولدى ھەمدە گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا ۋىيېتنام، كامبودژا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مېخانىزم يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ يى 10 نەچچە كۈنلۈك دىپلوماتىيە سەپىرىدە نۇرغۇن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەرەپ تاللىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىدىن ئىبارەت ئېنىق سىگنالنى تارقاتتى.

7-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو، بىرما، لائوس، تايلاند، كامبودژا ۋە ۋيېتنامدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بېرمىغا كېلىپ، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى 7-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا جۇڭگو كېيىنكى باسقۇچتا ئالتە چوڭ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىكون دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت جۇڭگو تەشەببۇس قىلىپ ئورناتقان ھەمكارلىق مېخانىزىمى رايون ھەمكارلىقىنىڭ «ئالتۇن ئۈلگىسى» گە ئايلاندى.

بېرما يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دەنداكى جۇڭگونىڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى مېخانىزمىدا مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. دەنداكى مۇنداق دېدى: بىرما لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئاستىدا ئىزچىل يېزا ئىگىلىك تۈرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. بىرمىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تەرەققىياتىدا،بۇ ھەمكارلىق كۆپ جەھەتلەردىن مەدەت بەردى. بۇ يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى، كۇتۇپخانا تورى، ئىمتىھان ۋە مائارىپ قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز جۇڭگونىڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى مېخانىزىمى ئاستىدا بەرگەن ياردىمىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن خەيمىڭ لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنىڭ نىشانىنى ئېنىق كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى «قۇرۇق گەپ سېتىش سارىيى» بولماي، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك ھەم ياخشى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلەر ئارقىلىق لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىيسىنىڭ شەخسىي غەرىزى يوق، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن رايون سەھنىسىدە بەسلىشىش نىيىتى يوق. بىزگە كېرىكى تىنچلىق، مۇقىملىق، خالىغانچە قول تىقىش، ئارىلىشىش ئەمەس؛ ئېگىز تام سېلىش ئەمەس، بەلكى تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدا، جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولۇش قائىدىسىنى بېكىتىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ قائىدىنىڭ يادرولۇق ئامىللىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ئورنىنى قوللاش، ھازىرقى رايون ھەمكارلىق رامكىسىنى قوغداش؛ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش، دۈشمەنلىشىش، قارشى تەرەپنى چەكلەشنى مەقسەت قىلماسلىق؛ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ  ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆزئارا ياخشى تۈرتكە بولۇش-بولماسلىقى ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك روھىي ھالىتىنى تاشلاپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە نۆل يىغىندىلىق قورشاۋ شاھماتنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقىنى سىنايدۇ.

جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ شىيۈ بۇنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى نۇقتىسىدىن سېلىشتۇردى. ياڭ شىيۈ مۇنداق دېدى : ئەسلىدە تىرامپ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويغان، ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، ئۇ «بىر تەرەپچىلىك» تەدبىر. بايدىن زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن بۇ ئۆزگەردى، «كۆپ تەرەپچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش» دېگەندە، ئۇ ھەقىقەتەن «كۆپ تەرەپچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى»، لېكىن ئۇ «باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان بىر خىل چەكلىك كۆپ تەرەپچىلىك»، مۇنداقچە ئېيتقاندا بەزى دۆلەتلەر قاتناشسا بولىدۇ، بەزى دۆلەتلەر قاتنىشالمايدۇ، بىر قەدەر ئوبرازلىق سۆز بىلەن يىغىنچاقلىغاندا،بۇ«كۇلۇب ئەزالىرى تۈزۈمىدىكى كۆپ تەرەپچىلىك»،بۇ خىل كۆپ تەرەپچىلىك بۇ رايونغا كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇر زىيان يەتكۈزمەكتە. لېكىن جۇڭگو ھەر قايسى ساھەلەردە، جۈملىدىن بۇ قېتىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمەلىيەتتە بۇ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ئوچۇق كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك، ئامېرىكىنىڭ كۇلۇب شەكىلدىكى كۆپ تەرەپچىلىكىگە قارشى تۇرغانلىق.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئامېرىكا يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىش تېرىمدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنى قانات يايدۇرۇشى جۇڭگو بىلەن بۇ رايوندا قوللىغۇچىلىرىنى تالىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.